ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 6 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1259736
ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 6 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتى 2011 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. دۆلەت ئىچىدىكى كۆچۈشلەر سەۋەبىدىن نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن ئىدلىب شەھەر مەركىزى 2015 - يىلى مارت ئېيىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى. ئىدلىب بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاساسلىق زەربە ئوبيېكتى قىلغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئۆيى 2019 - يىلى 26 - ئاپرېلدىن 19 - ئاۋغۇستقىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، كەم دېگەندە 843 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈش ھالىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ۋە ئىستاتىستىكا قىلىۋاتقان سۈرىيە مۇداخىلە قىلىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2018 - يىلى 17 - ئاۋغۇستتا ئىمزالانغان ئىدلىب كېلىشىمىدىن بۇيان رايوندىكى 945 مىڭ 992 كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر