كەركۈكتىكى تۈركمەنلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن قوللاشنى تەلەپ قىلدى

ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ باشلىقى ئەرشات سالىھى كەركۈككە قىلىنىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈركمەنلەردىن تەشكىللەنگەن قوغداش قىسمىنى كۈچلەندۈرۈشكە چاقىردى.

1259630
كەركۈكتىكى تۈركمەنلەر مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن قوللاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ باشلىقى ئەرشات سالىھى 26-ئاۋغۇست (دۈشەنبە) تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تاۋۇك ناھىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «ھەممىسى تۈركمەنلەردىن تەشكىللەنگەن كەركۈك قوغدىنىش كۈچى كۈچلەندۈرۈلۈشى كېرەك» دېيىلدى.

ئەرشات سالىھى كەركۈك قوغدىنىش كۈچىنىڭ ئىراق تۈركمەن فىرونتىنىڭ قوللىشى بىلەن قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتىگە تەۋە قىسىملارنىڭ تۈركمەن ناھىيە ۋە بازارلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قوغدىيالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركمەنلەرنىڭ ئۆز رايونلىرىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن قوللاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ 2017-يىلى 16-ئۆكتەبىردە باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن بۇرۇن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تاۋۇك ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پ ك ك دىن تازىلانغان ناھىيەنىڭ ئەمدىلىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، 26-ئاۋغۇست تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تاۋۇكتىكى بىر پۇتبول مەيدانىغا مېنامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، توققۇز كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر