غەززەدىكى 2 پارتلاشتا شېھىت بولغان ساقچىلارنىڭ سانى 3 كە چىقتى

غەززەنىڭ غەربىدىكى 2 ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا شېھىت بولغان ساقچىلارنىڭ سانى 3 كە يەتتى.

1259849
غەززەدىكى 2 پارتلاشتا شېھىت بولغان ساقچىلارنىڭ سانى 3 كە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پارتلاشتا يەنە سەلامە ماجىد ئەننەدىم، ۋائىل مۇسا مۇھەممەد خەلىفە ۋە ئالا زىياد ئەلغارابىلى ناملىق 3 نەپەر ساقچى مەمۇرىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا بۇ ھۇجۇمنى قىلغۇچىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ پات يېقىندا خەلققە بىلدۈرىلىدىغانلىقى ۋە جىنايەتچىنىڭ ھەرگزمۇ جازاسىز قالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

باياناتتا، يەنە، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلىرىنىڭ غەززەدىكى خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ۋاستىلارنى ئىشقا سىلىۋاتقانلىقى، غەززە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭمۇ بۇ خىل نۇرغۇنلىغان پىلانلارنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. 

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بارلىق پەلەستىن خەلقىنى ۋە پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنى بۇ ھۇجۇمنى قىلغۇچىلارنى ئەيبىلەشكە شۇنداقلا ئاجىزلىق يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقان كىشى ياكى گۇرۇپپڭىلارغا قارشى بىر تەن، بىر يۈرەك بولۇشقا چاقىرىق قىلدى. 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارتلاشلاردا 2 پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى، يارىدارلار ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر