ئىراندا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىلەنگەن 3 كىشىگە 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلدى

ئىراندا 2 نەپىرى ئىران ۋە ئەنگلىيە قوش گېراژدانى، يەنە بىرسى ئىران گېراژدانى، جەمئىي 3 كىشىگە ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەكشىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلدى.

1259337
ئىراندا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىلەنگەن 3 كىشىگە 10 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تەپتىش ئىدراسى باياناتچىسى غۇلام ھۇسەيىن ئىسمائىلى پايتەخت تېھراندا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەنگلىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئارەس ئەمىرى، ئەلى جەۋھىرى ۋە ئېنۇشە ئاشۇرىنىڭ قاماق جازاسىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

غۇلام ھۇسەيىن ئىسمائىلى ئالدىنقى يىلى ئىرانغا ئۇرۇق تۇغقان يوقلاش كەلگەن پەيتتە نازارەتكە ئېلىنغان ۋە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنغان ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى خادىمى شۇنداقلا ئەنگلىيە ۋە ئىران قوش گېراژدانلىقىغا ئىگە ئارەس ئەمىرىنىڭ كۈلتۈر <پائلىيەتلەر> دېگەن تونغا ئورىنىۋېلىپ، زىيانلىق پائالىيەتلەردە بولغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى، شۇڭا 10 يىللىق قاماق ۋە ئىككى يىلغىچە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن چەكلەش جازىسى بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «Mossad» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان ئەلى جەۋھىرىنىڭمۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئەلى جەۋھەرىنىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە تەۋە خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزى ئىشتاتىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

غۇلام ھۇسەيىن ئىسمائىلى ئىران ۋە ئەنگلىيە قوش گېراژدانلىقىغا ئىگە ئەنۇشە ئاشۇرىنىڭمۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى <Mossad> بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ئەنۇشە ئاشۇرى ئۇلاردىن ئالغان ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئىرانغا دائىر نۇرغۇنلىغان ئىستىخبارى مەلۇماتلارنى <Mossad> قا يەتكۈزگەن» دېدى.

 

 

 


خەتكۈچ: #جاسۇس , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر