ئىمران خان شاھزادە مۇھەممەد بىلەن كەشمىر توغرىسىدا سۆزلەشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
تۈركىيە ئاۋزى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن پاكىستان – ھىندىستان ئارىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.
كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى تەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى نارېندرا مودې شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيىندە زىيارەتتە بولغانىدى.
ھىندىستان، ئاساسىي قانۇننىڭ يېرىم ئەسىردىن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان جاممۇ كەشمىرگە ئىمتىياز بېرىشنى مەزمۇن قىلغان 370 – ماددىسىنى 5 – ئاۋغۇستتا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رايوننىڭ ئالاھىدە سالاھىيەتلىك قۇرۇلمىسىنى بىكار قىلىپ، كەشمىرنى ئىككى بىرلىك زېمىنىغا بۆلۈۋەتكەنىدى.