ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى تۈزۈلىدىغان بولدى

فىرانسىيەنىڭ باررىتىز شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيە باش مىنىستىى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشتى ۋە سىنتەبىر ئېيىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1258757
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى تۈزۈلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنزو ئابې بىلەن دونالد ئوتتۇرىسىدىكى ئازئارا ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سىنتەبىر ئېيىدا سودا كېلىشىمى تۈزۈلىشى ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

شىنزو ئابې بۇ كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن چوڭ بىر ھەسسە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىدىن قوشۇمچە قوناق سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنزو ئابې سىنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى كېلىشمنى تۈزۈپ بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىمگە ئالاقىدار باشقا تەپسىلاتلارنىڭمۇ شۇ چاققىچە پۈتۈپ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

شىنزو ئابې يەنە، تۈنۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ دۆلىتى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىدە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە ۋە شىمالىي كورىيە مەسلىسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر