ئەردوغان ئەتە پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشىدۇ

رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitriy Peskov) ئەتە (27-ئاۋغۇست) تۈركىيە ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ موسكۋادا ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۆرۈشۈشىدە، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1258690
ئەردوغان ئەتە پۇتىن بىلەن موسكۋادا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋ ئەتە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلەتلىرىمىز ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق نازۇك ساھەلەردىمۇ يېقىنلىقلىققا، ئوخشىمىغان ساھەلەردە يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چوڭ لايىھەلەر ۋە مۇھىم كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بۇلار سىياسىي ساھەدىكى ئالاقىلەر ئۈچۈن پۇختا ئاساسلارنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، رەھبەرلەر ئەتە سۈرىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئەتىكى كۆرۈشۈشتە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىدلىبتىكى ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلغاندا، بۇنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. سوچى كېلىشىمى توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئەھۋال ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر بولۇپ كەلمەكتە. پىرېزىدېنت پۇتىن تۈركىيەنىڭ ئىدلىب توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. بىراق، تېررورىست گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىككى رەھبەرنىڭ موسكۋادا «MAKS-2019» خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر