گىروزىيە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيا بىلەن بىرلىشىشىنى خالايدۇ

گىروزىيە پىرېزىدېنتى سالومە زۇرابىشۋىلى، ئۆز ھاكىمىيىتى مەزگىلىدە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيانىڭ گىروزىيە بىلەن بىرلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1258712
گىروزىيە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيا بىلەن بىرلىشىشىنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىروزىيە پىرېزىدېنتى سالومە زۇرابىشۋىلى 2008يىلى يۈز بەرگەن جەنۇبىي ئوسېتيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 26ئاۋغۇستتا گىروزىيەدىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن مۇستەقىللىقى ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ 11خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى. 

سالومە زۇرابىشۋىلى دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا نە گىروزىيەنىڭ، نە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يول قويمادىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۈگۈنكى كۈندە رۇسلىشىش سىسياسىتى سەۋەبىدىن ئابخازلار ۋە ئوسېتلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قۇتقۇزۇپ قىلالىشى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى نامايتن قىلماقتا. ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسېتيانىڭ گىروزىيە بىرلەشمە دۆلەت دائىرىسىگە تىنچ يول بىلەن قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنىڭ (يەنى گىروزىيەنىڭ) بىرلىشىشىنىڭ پات يېقىندا، مېنىڭ پىرېزىېدنتلىق مەزگىلىمدە ئىشقا ئېشىشى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەن پۈتۈن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمەن» دېدى. 

سالومە زۇرابىشۋىلى بىرلەشكەن ئەھۋالدا ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيادا ياشاۋاتقانلارنىڭ گىروزىيەلنىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشاۋاتقانلار بىلەن ئوخشاش ھەق ھوقۇققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر