ئىران، رۇسىيەنىڭ «S-300» دىنمۇ كۈچلۈك «Baver 373» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تونۇتتى

ئىران رۇسىيەنىڭ «S-300» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە «S-400» گە يېقىن ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەرلىك «Baver 373» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تونۇتتى.

1256878
ئىران، رۇسىيەنىڭ «S-300» دىنمۇ كۈچلۈك «Baver 373» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تونۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ «Baver 373» دەپ نام بېرىلگەن ۋە يەرلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقارغان ئۇزۇن مۇساپىلىق «Baver 373» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پايتەخت تېھراندا پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىمۇ ئىشتراك قىلغان بىر مۇراسىمدا تونۇشتۇرۇلدى.

رۇھانىي مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «Baver 373» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ «S-300» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە «S-400» گە تولىمۇ يېقىن ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر