ئامېرىكا تەيۋەنگە 66 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدىغان بولدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە ئومۇمىي قىممىتى 8 مىليارد دوللارلىق 66 دانە «F-16C/D Blok 70» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

1255882
ئامېرىكا تەيۋەنگە 66 دانە «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ئاجانتىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق تايپېي ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر مۇناسىۋەتلىرى ۋەكالەت ئىشخانىسى بىلەن كەلگۈسىدىكى ھەربىي سودا كېلىشىملىرى دائىرىسىدە، ئومۇمىي قىممىتى 8 مىليارد دوللارلىق 66 دانە «F-16C/D Blok 70» تىپلىق ئايروپىلان ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ سېتىپ بېرىلىشىنى تەستىقلدى» دېيىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر سېتىپ بېرىش تەستىقىنىڭ پالاتاغا سۇنۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تايپېىي ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر ۋەكىىلىك ئىشخانىسى ۋاشىنگىتوندا تەيۋەنگە ۋاكالەتەن ئىش بېجىرىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنت ترامپ ئالدىنقى ھەپتە پەيشەنبە ۋەياكى جۈمە كۈنى «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا ئالاقىدار پاتالاتاغا يوللىنىدىغان ئۇقتۇرۇشنى تەستىقلىدى. بۇ سېتىش خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ئورتاق باياننامىسىدىن باشقا يەنە، كېلىشىملەر ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. تاشلىغان قەدەملىرىمىز ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى سىياسىيىتى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. بىز پەقەت بۇ بارلىق تەرەپلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تەيۋەن بىلەن بىۋاستە رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، خىتاي ئامرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

ئامېرىكا 1972يىلىدىن بۇيان تەيۋەننى رەسمىيەتتە خىتاينىڭ بىر پارچىسى، دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، 1979يىلىدا ماقۇللانغان «تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر قانۇنى» دائىرىسىدە تەيۋەن بىلەن غەيرىي رەسمىي مۇناسۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر