جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

1256133
جاممۇ كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ساقچى بىلەن بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى جېنىدىن ئايرىلدى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار بايانات بېرىپ، كەشمىرنىڭ بارامۇللا رايونىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە بىر ساقچى بىلەن بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇشتىن كېيىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە تەۋە قورال ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر