ئامېرىكا پاكىستان بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندىرا مودى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمان خان بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، كەشمىردە يېرىكچىلىكنى ئازايتىشقا چاقىرىق قىلدى.

1255288
ئامېرىكا پاكىستان بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دونالد ترامپنىڭ ئىمران خان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھىندىستان بىلەن يۈز بېرىۋاتقان جىددىيچىلىكلەرنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ۋە ئىلمىي سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتىلىگەنلىكى ھەمدە ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ جىددىيچىلىكلەرنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغان قەدەملەردىن ئۇزاق تورىشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ بەك مۆتىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە چاقىرىقتا بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دونالد ترامپ بىلەن ئىمران خاننىڭ يەنە، ئامېرىكا پاكىستان سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دونالد ترامپ بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپتە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدىن بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

دونالد ترامپ، ئىمران خان ۋە نارېندىرا مودى بىلەن سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك شىرىكلىك تېمىلىر ئۈستىدىمۇ سۆھبلەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھىندىستان ۋە پاكىستان ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى ئىككى دوستۇم خان ۋە مودى بىلەن كەشمىردىكى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەشتۇق. مەسىلە مۇرەككەب، بىراق مۇزاكىرىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى» دېدى.

ھىندىستان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، رايوننىڭ ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسىگە ئالاقىدار پەيدا بولغان جىددىيچىلىكلەر داۋاملاشماقتا. 

جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن ماددىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان جاممۇ كەشمىردە قاتتىق بىلخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە چەكلىمىلەر گەرچە يۇمشىغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرگە ئالاھىدە رايونلۇق سالاھىيىتى بېرىلگەن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ 370ماددىسىنى 5ئاۋغۇستتا ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن تەڭ جاممۇ كەشمىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئاساسىي قانۇنى بولۇش ھەمدە مۇداپىئە، ئۇچۇر ئالاقە ۋە تاشقى مۇناسىۋەتتىن باشقا بارلىق مەسىلىلەردە مۇستەقىل قارار ماقۇللاش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە ھوقۇقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولدى.

ھىندىستاننىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى بۇ رايوننى ھىندىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا مەڭگۈلۈك قوۇشىۋىلىش ئۈچۈن بۇ قارار ماقۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

     

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر