ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى.

1255453
ئەسەد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونىغا قاراتقان تۈنۈگۈنكى شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

ھاكىمىيەت ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ مەئەررەتىننۇئمان ۋە خان شەيخۇن ناھىيەسىگە، تەمانىيە بازىرى، مەئەررەتھىرمە، جىبالە، بسىدا، رەقايا، نۇكەييەر، ھىش ۋە دەير شەرقىي يېزىلىرى بىلەن ھامانىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى كەفەر زىتا ۋە لاتامىنە ناھىيەلىرىگە ۋە لاتمىن يېزىسىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتى مۇدىرى مۇستافا ھاج يۇسۇف، ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا مەئەررەتىننۇئمان ۋە ھىشتا ئۈچتىن بولۇپ جەمئىي 6 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش مەركىزى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ ئىدلىبنىڭ مەئەررەتىننۇئمان ناھىيەسى بىلەن ھىش يېزىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر