نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئىما قىلدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆتكەن ئاي ئىراننىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئىما قىلدى.

1255590
نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئىراقتىكى ھەربىي ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئىما قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنيامىن نېتانياھۇ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئىسرائىلىيەلىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئىراقتىكى ئىران ھەربىي ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئىران ھېچبىر يەردە چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس» دەپ جاۋاب بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر ھۇجۇمنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا ئىما قىلىپ ئۆتتى.

نېتانياھۇ يەنە، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنى «يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانلىقى» نى ۋە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتە ھەربىي بازىلارنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۇلار (ئىران) غا قارشى قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە نۆۋەتتە قەيەردە زۆرۈر بولسا، تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ، 19 – ئىيۇلدا F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ ئىراقنىڭ سالاھۇددىن ۋىلايىتىدىكى ئامىرلى ھەربىي لاگېرىنى، 28 – ئىيۇلدا پايتەخت باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ھەربىي بازىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر