چادنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى

چادتا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشلاردا كۆپ ساندا ئادەمىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن، دۆلەتنى سىلا ۋە ئوئۇئاددائى رايونىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

1254548
چادنىڭ بەزى رايونلىرىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبى، سىلا رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا بايانات بېرىپ، ئېتنىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى سىلا ۋە ئوئۇئاددائى رايونىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «رايوننىڭ ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي قىسىملارنى يوللايمىز. رايون ئاھالىسىنىڭ قولىدىكى قوراللارنى يىغىۋېلىش ئارقىلىق پۇقرالارنى قورالسىزلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئوئۇئاددائى رايونىدا 9 – ئاۋغۇستتا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بېرىپ 9 ئادەم ئۆلگەن، سىلا رايونىدىمۇ ئېتنىك مەسىلىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر