كابۇلدا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر توي مەرىكىسى زالىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېلان قىلىندى.

1254166
كابۇلدا مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر توي مەرىكىسى زالىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە جەمئىي 63 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 182 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كابۇلنىڭ 6 – نومۇرلۇق بىخەتەرلىك رايونىدىكى «قەسرى دۇبەي» ناملىق بىر توي مەرىكىسى زالىدا تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمچىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى ناخشىچىلار تۇرۇۋاتقان، بالىلار ۋە باشقا توي ئىشتىراكچىلىرى كۆڭۈل ئېچىۋاتقان سەھنىگە يېقىن جايدا پارتلاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى سادىق سىددىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ھالدا، «كابۇلدا توي مەرىكىسى زالىدا سادىر قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ھەممىمىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. بۇ، خەلقىمىزگە قارشى سادىر قىلىنغان پەسكەشلەرچە بىر ھۇجۇمدۇر» دېدى.

پايتەخت كابۇلنىڭ ھازارا شىئەلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن بۇ ھۇجۇم، ئافغانىستاندا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان سادىر قىلىنغان ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى بولدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى. تالىبان تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر