گىرېنلاندىيە دائىرىلىرى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىز سېتىلىدىغان مال ئەمەس» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە چىققان خەۋەلەرگە قارىتا شىمالىي كۈتۈبتىكى دانىيەگە قاراشلىق گىرېنلاندىيە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىز سېتىلىدىغان مال ئەمەس» دېدى.

1254022
گىرېنلاندىيە دائىرىلىرى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىز سېتىلىدىغان مال ئەمەس» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە ئارىلىنى سېتىۋېلىش خاھىشىغا ئالاقىدار خەۋەرگە قارىتا گىرېنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «گىرېنلاندىيە مېنراللار، پاكىز سۇۋە بېلىق زاپاسلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە يېيىشكە بولىدىغان ئېنېرگىيەلىك مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش قىممەتلىك بايلىقلىرى مول بىر ئارالدۇر. دالا ساياھىتى نۇقتىسىدىنمۇ يېڭى بىر ساياھەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ دەرۋازىمىز سودا سانائەت ئۈچۈن ئوچۇق، لېكىن بىز سېتىلىدىغان مال ئەمەس» دېدى.

گىرېنلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاجا چېمنىتې لارسېن تىۋىتتېردىن دونالد ترامپنىڭ مەزكۇر خاھىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دانىيە بىلەن تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ باراۋەرلىك ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مېڭىشقا تېگىشلىك ئەڭ توغرا يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دانىيەلىك سىاسەتچىلەرمۇ ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى سېتىۋالماقچى بولۇش خاھىشىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرگە قارشىلىق كۆرسەتتى.

سابىق دانىيە باش مىنىستىرى لارس كوككو راسمۇسسېن «بۇ بەلكىم 1ئاپرىل چاخچىقى بولسا، كېرەك، لېكىن ھازىر ئۇنداق چاخچاقنىڭ ۋاقتى ئەمەستى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر