ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا قاراتقان ئېغىر ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1252996
ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرى ئىدلىبتىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ خان شەيخۇن ۋە مەئەررەتىننۇئمان ناھىيەلىرىگە، بىداما بازىرى، مەئەررىتھىرما ۋە مېدايا يېزىلىرى بىلەن ھامانىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدىكى كەفەر زىتا، لەتامىنە ناھىيەلىرى ۋە لاتمىن يېزىسىغا قاراتقان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش (ئاق خالاتلىقلار) ئەترىتى مۇدىرى مۇستافا ھاجى يۇسۇف، «تۈنۈگۈن كەچتىن تارتىپ ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېغىرلاشتى. ھاكىمىيەت ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 10 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى بىلەن پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن كەچتىن كېيىنكى ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئىدلىبنىڭ مەئەررىتھىرما يېزىسىدىكى بىر سەھىيە مەركىزىنى بومباردىمان قىلغان؛ ھۇجۇمدا بىرى پۇقراۋى قوغدىنىش خادىمى، ئىككىسى سەھىيە خىزمەتچىسى بولۇپ جەمئىي 3 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

سۈرىيەدىكى ئامېرىكالىق دوختورلار جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن دوكتور مۇھەممەد كەتتابمۇ مەزكۇر ھۇجۇم توغرىسىدا توختىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە بىر سەھىيە مەركىزىنىڭ ئۇدا 17 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ھۇجۇمدا بىر سىستېرا بىلەن بىر جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋاپات بولدى. جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر