سومالىدىكى بىر ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچراپ 7 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1252747
سومالىدىكى بىر ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ھۇجۇمچىلار سومالىنىڭ تۆۋەن شابېللې رايونىنىڭ ئاۋدخېگلې بازىرىدىكى ھەربىي بازىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ئاپتوموبىل بومبىنى پارتلاتقان، مەزكۇر پارتلاش يۈز بېرىپ بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئىككىنچى ئاپتوموبىل بومبا پارتلىتىلغان، ۋەقەلەردە ئارمىيە رادىيوسىنىڭ بىر فوتو – سۈرەت مۇخبىرى بىلەن 6 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان؛ ھۇجۇمنى سادىر قىلغان 2 تېررورچىمۇ ۋەقەدە ئۆلگەن.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقەدە 13 ئادەم يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالغان.

تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سومالى تارمىقىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى سومالى كۈچلىرى، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئاۋدخېگلې بازىرىنى ئەششەبابتىن قايتۇرۇپ ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر