پاكىستاندا ھۆل - يېغىن سەۋەب بولغان قازالاردا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 27 گە يەتتى

پاكىستاندىكى شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان ئاپەت ۋە ھەرخىل قازالاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 27 گە يەتتى.

1253072
پاكىستاندا ھۆل - يېغىن سەۋەب بولغان قازالاردا ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانى 27 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Dawn» گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار، سىند ئۆلكىسى مىقياسىدا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان تەبىئىي ئاپەت ۋە ھەرخىل قازالاردا 24 نەپىرى كاراچىدا بولۇپ جەمئىي 27 ئادەم ئۆلگەن، 33ى نەپىرى كاراچىدا بولۇپ جەمئىي 46 ئادەم يارىلانغان.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ توك سوقۇۋېتىش ياكى ئۆيلىرىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىند ئۆلكىسىدە شەنبە كۈنى باشلانغان ھۆل – يېغىن توكلارنىڭ توختاپ كېتىشى، دەرەخلەر، تېلېفون ۋە ئېلېكتىر سىتولبىلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ كوچىلار ۋە نۇرغۇن ئۆي – ماكاننى سۇ بېسىۋالدى.

سىند ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى كاراچىدا شەنبە كۈنى كېچىسى باشلاپ 16 سائەت داۋاملاشقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن، سۇ ئاپىتى پەيدا قىلدى، سۇ ئاپىتى تۈپەيلى ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغانلار تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە كىرانلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر