گېرمانىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلار مۇشۇ 6 ئاي ئىچىدە 8605 قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزدى

«Tagesspiegel» گېزىتى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر سوئالغا جاۋابەن، 2019 – يىلىنىڭ دىكابىر ئېيىدىن ئىيۇن ئېيغىچە بولغان 6 ئاي ئىچىدە ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ 8605 قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1253008
گېرمانىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلار مۇشۇ 6 ئاي ئىچىدە 8605 قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Tagesspiegel» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، دىكابىر ئېيىدىن ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاشقۇن ئوڭچىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەت سانىنىڭ 2018يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %900 ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئالغا ھۆكۈمەت جاۋاب بېرىپ، ساقچىلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرگە ئالاقىدار 2625 نەپەر ئاشقۇن ئوڭچى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى.

2ئىيۇندا يېڭى ناتسىزمچى ستېفان ئې تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كاسسېل ۋالىيسى ۋالتېر لۈبكە جىنايىتىنىڭ ھۆكۈمەت قايتۇرغان جاۋابتىكى ئىستاستېكىلىق مەلۇماتتا، «ئاشقۇن ئوڭچىلار جىنايىتى» دەپ ئورۇن ئالمىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يېڭى ناتسىزمچى ستېفان ئې نازارەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، كاسسېل ۋالىيسى ۋالتېر لۈبكەنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئېتىراپتىن يېنىۋالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر