ئىراقتا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ھەشدى شەبىگە ئائىت قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 29 كىشى يارىلاندى.
1252009
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغدادنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەددورا رايونىدا ھەشدى شەبىگە ئائىت قەسىر گازارمىسىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن قورال - ياراغ، ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 29 كىشى يارىلانغان بولۇپ، دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يارىدارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئىكەن.