ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەبھە ئايرودۇرۇمىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
1252058
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارغا ئائىت «‹ئەلمەسىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەبھە ئايرودۇرۇمىغا « Kasıf-2 » تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان ياكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.