ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەگە 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

1249840
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئاجانتاسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ 12 دانە «MH-60R» تىپلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ۋە ئەسلىھىلىرىنى سېتىۋېلىش تەلىپىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە پالاتانىڭ ئاۋاز بېرىىشىگە سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 13 ھەربىي رادار، 25 دانە «T-700-GE» تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە موتىرى، 1000 دانە دېڭىز ئاستى پاراخوتلارنى بايقاش سىستېمىسى، كۆپ مىقداردا ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى، تەكشۈرۈش سىسىتېمىلىرى ۋە سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنىڭمۇ تەستىقتىن ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكى، بۇ ھەربىي ئەسلىھە سېتىلىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىياسىي مەنپەئەتلىرى دائىرىسىدە تەستىقتىن ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى. 

بۇ قوراللارنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ دېڭىز ئۈستى ۋە دېڭىز ئاستى ھەربىي ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا: «جەنۇبىي كورېيە جۇمھۇرىيىتى شەرقىي ئاسىيا ۋە غەربىي تىنچ ئوكياندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەڭ چوڭ كۈچلەردىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.  جەنۇبىي كورېيەنىڭ كۈچلۈك ۋە ھەر دائىم تەييار بىر مۇداپىئە ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىغا ياردەمچى بولۇش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ھاياتىي ئەھمىيەتكە  ئىگىدۇر» دېيىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر