خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «Huawei»، «ZTE»، «Hytera»، «Hikvision» ۋە «Dahua» قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىشىنى ۋاقىتلىق مەنئىي قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1250004
خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلىتىلىشى مەنئىي قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرىگە يولغا قويغان ئېمبارگو دائىرىسىدىكى يېڭى چەكلىمىسى، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىن بۇيان خىتاي شىركەتلىرىگە قاراتقان بېسىملىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ چەكلىمە دائىرىسىدە، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىدىن «ZTE»، «Hytera»، «Hikvision» ۋە «Dahua» ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ھەر قايسى ئامېرىكا ئىدارە ئورگانلىرىنىڭ سېتىۋىلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى ۋاقىتلىق مەنئىي قىلدى.

خەۋەردە بۇ چەكلىمىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىدا قوبۇل قىلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى ھوقۇقى قانۇنى» دائىرىسىدە ئىشقا سىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

قانۇندا ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈستى يېپىق شەكىلدە تېلېفون - تېلېگىراف شىركەتلىرىدىن ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت سېتىۋىلىشى چەكلەنگەن ئىدى. 

خۇاۋېي شىركىتىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ چەكلىمىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت ئاساسى قانۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى نۇقتىسىدىن كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 گ تېخنىكىسى ئۇل - ئەسلىھە خىزمەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

خۇاۋېي بولسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «خۇاۋېي خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدا چەكلەنگەن 5 خىتاي شىركىتىنىڭ بىرسى بولغان «Hikvision» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، شىركەتنىڭ پائالىيەت قىلغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، «Hikvision» نىڭ مەھسۇلاتلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرت قىلغان ئالاھىدىلىكلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر