ھىندونېزىيەدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتە 5 كىشى ئۆلدى

ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارالىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بانتېن ئۆلكىسىدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە 5 كىشى ئۆلدى.

1247423
ھىندونېزىيەدىكى 6.8 بال يەر تەۋرەشتە 5 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يەر تەۋرەش ئاپتىدە ئۆلگەنلەرسانىنىڭ 5 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

زىيانغا ئۇچرىغان بىنالاردا تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدا قالغان بىرەر كىشى بايقالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بانتېندىن 151 كېلومېتىر ئۇزۇاقلىقتا غەربى جەنۇپقا توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە يەر يۈزىدىن 42 كېلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قىلىنغان دېڭىز تاشقىنى سىگنالى تۈنۈگۈن كەچتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر