ئامېرىكا 900 كۆچمەننى مېكسىكىغا قايتۇرىۋەتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ئامېرىكىلىق ۋە كۇبالىق تەخمىنەن 900 كۆچمەننى ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى چىققانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىشى ئۈچۈن مېكسىكىغا قايتۇرىۋەتتى.

1247233
ئامېرىكا 900 كۆچمەننى مېكسىكىغا قايتۇرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى دائىرىسى كېڭەيتىلگەن «مېكىسىكادا قال!» پىروگراممىسى ئاساسىدا، ئوتتۇرا ئامېرىكىلىق ۋە كۇبالىق 900 كۆچمەننى مېكسىكانىڭ شىمالىدىكى تامالىپاس ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماتاموروس شەھىرىگە يوللىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پۇئېترا مېكسىكو كۆۋرىكىدىن مېكسىكاغا يوللانغان كۆچمەنلەردىن باشقا يەنە، 3000 كۆچمەننىڭ تامالىپاس ئۆلكىسىدە ئامېرىكىغا ئىلتىجا قىلىش رەسمىيەتلىرىنى تاماملىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىلتىجا قىلىشقا دائىر قانۇنىي رەسمىيەتلەر نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر كۆچمەنلەرنىڭ مېكسىكا چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشى شەرت قىلىنىدۇ. 

بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رايوندا يۈز بەرگەن زورۋانلىق ۋە گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ رايوندا زىيارەتتە بولماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن مېكسىكا ھۆكۈمىتى قايتۇرۇۋىتلىگەن كۆچمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى تۇرۇشلۇق جاي ۋە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مېكسىكا تۈنۈگۈن ئامېرىكا چېگراسىدىكى جۇئارېز رايونىدا 3500 كىشىلىك يېڭى تۇرالغۇ مەركىزىنى ئاچقان ئىدى. 

بۇ يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا باشلانغان «مېكىسىكادا قال!» پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 20 مىڭدىن ئارتۇق پاناھلانغۇچىنىڭ ئىلتىجاسى نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر كۈتۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن مېكسىكىغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر