ئاتلانتىك ئوكياندا كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان كامېروننىڭ جەنۇبىدىكى كرىبى شەھىرىدە ئاتلانتىك ئوكياندا بىر پاراخوتتا سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 106 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1245588
ئاتلانتىك ئوكياندا كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان كامېروننىڭ جەنۇبىدىكى كرىبى شەھىرىدە ئاتلانتىك ئوكياندا بىر پاراخوتتا سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 106 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

يەرلىك تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، كرىبىغا قاراشلىق ئېبودگې دېگەن جايدا 106 كۆچمەن ئولتۇرغان پاراخوت سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئېبودگې خەلقى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي ئەمەلدار، ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ پاراخوتىدا، توگو، بېنىن، نىگېرىيە ۋە گىنە قاتارلىق غەربىي ئافرىقادىكى تۆت دۆلەتتىن كەلگەن 106 كۆچمەننىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ھەربىي ئەمەلدار يېقىلغۇسى تۈگىگەن پاراخوت سۇغا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغاندا قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىكى كامپو شەھىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر