ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىدە بومبا پارتلىدى

ئافغانىستاندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ بىر ئاپتوبۇس ئۆتۈۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى.

1245267
ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىدە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ بىر ئاپتوبۇس ئۆتۈۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 كىشى يارىلاندى.

بۇ قېتىمقى بومبا پارتلاش، ئافغانىستاننىڭ ھىرات ۋىلايىتىدە يۈز بەردى. پارتلاشتا يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى سەۋەبلىك، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

پارتلاشقا ھازىرچە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ: #بومبا , #ھىرات

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر