پاكىستاندا ھەربىي ئايروپىلان خەلق زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە چۈشۈپ كەتتى

پاكىساننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆيلىرى ئىنتايىن زىچ بىر مەھەللىگە پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە مەشىق ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 5 ئەسكەرنى قوشقاندا، جەمئىي 17 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1244678
پاكىستاندا ھەربىي ئايروپىلان خەلق زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە چۈشۈپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر مەشىق ئايروپىلانىنىڭ ئىسلامئابادتتىن 30 كېلومېتىر يېراقلىدىكى موراكالۇ رايونىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھەربىي ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇش مەشىقىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا، ئۆيلەر ئىنتايىن زىچ بىر مەھەللىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئاندىن ئەتراپقا ئوت كەتكەنلىكى ۋە ئەتراپتىكى بەزى ئويلەرگىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ، ماددىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەدىن كېيىن راۋالپىندى شەھىرىدىكى ھەربىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە 1122 جىددىي ھالەت قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن بىرگە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ نەخ مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشىلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەدە 5 ئەسكەر ۋە 12 پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەمدە بۇ ئەسكەرلەردىن 2 سىنىڭ پولكاۋنىك ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر