خوڭكوڭدا ھەپتە ئاخىرى داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

28-27-ئىيۇل كۈنلىرى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا، نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1243988
خوڭكوڭدا ھەپتە ئاخىرى داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرى خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە 13 كىشى تۇتۇپ كېتىلدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خوڭكوڭ ساقچى مەسئۇللىرى ئىككى كۈن داۋاملاشقان نامايىشلاردا، ئەڭ ئاز دېگەندە 13 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نامايىش تەشكىللىگۈچىلىرىدىن ماكس چۇڭ كىنپىڭ (Max Chung Kin-ping) نىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

نامايىشنى قوللىغان پارلامېنت ئەزاسى كۋوك كاكى (Kwok Ka-ki) ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.

خوڭكوڭ ساقچىلىرى تۈنۈگۈن (28-ئىيۇل) پەقەت چاتېر گاردېن (Chater Garden) باغچىسىدىلا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغان بولۇپ، نامايىشچىلار بۇنىڭغا قارشى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ سودا رايونى ھېسابلىنىدىغان كوزۋېي باي (Causeway Bay) ۋە خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئىشخانىسىغا قاراپ يۈرۈگەن.

3-ئاپرېل خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ياكى ماكاۋ (ئاۋمېن) غا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سىياسىي جىنايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ، بىراق 7.4 مىليون نوپۇسقا ئىگە خوڭكوڭدا، خەلقنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ سوت تۈزۈمى ئاستىدا، قالايمىقان ئادەم تۇتۇش، ئادىل بولمىغان سوت باسقۇچىلىرى ۋە قىيىن-قىستاققا دۇچار بولۇشتەك ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خوڭكوڭ ئۆكتىچىلىرى قانۇن ماقۇللانغان ئەھۋالدا، بۇنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلىشى بىلەن نەتىجىلىنىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

خوڭكوڭ 1898-يىلى ئىمزالانغان شەرتنامە بىلەن ئۇزۇن يىلغىچە ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرغان بولۇپ، 1997-يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى.

تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە، خوڭكوڭغا 2047-يىلىغىچە تاشقى سىياسەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىدە خىتايغا تەۋە بولىدىغان، باشقا جەھەتتە «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» سىياسىتى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ھوقۇق بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر