بىرمانىڭ قاش تېشى كانىدا تاغ غۇلاپ چۈشۈس ۋەقەسى يۈز بەردى

بىرمانىڭ شىمالدىكى كاچىن ئۆلكىسىدە قاش تېشى چىقىرىلىدىغان بىر كاندا، تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقىسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 6 كىشى ئۆلدى.

1243766
بىرمانىڭ قاش تېشى كانىدا تاغ غۇلاپ چۈشۈس ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمالىق ئالاقىدار مەسئۇللار كاچىن ئۆلكىسىگە قاراشلىق ھىپاكانت ناھىيەسىدىكى بىر كاندا يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسىدە، 6 كىشى ئۆلگەندىن باشقا يەنە، 9 نەپەر كان ئىشچىسى ۋە 3 نەپەر بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

ئالاقىدار مەسئۇللار ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقنى ئېيتتى.

ھىپاكانت ناھىيەسىدە ئاساسەن دېگۈدەك يامغۇر كۆپ ياغىدىغان مەزگىللەردە پات پات تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقلىرى يۈز بېرىپ تۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر