ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ئىراننىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1242869
ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا س ن ن (CNN) تېلېۋىزىيەسىنىڭ پېنتاگوندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلداردىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىران تۈنۈگۈن (25-ئىيۇل) دۆلەتتە ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان.

يېتىپ بېرىش مۇساپىسى تەخمىنەن 1300 كىلومېتىر بولغان «3-شاھاب» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ جەنۇبتىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە 965 كىلومېتىر مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن پايتەخت تېھرانغا يېقىن بولغان چۆلگە چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پېنتاگون ئەمەلدارى «3-شاھاب» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلمىغانلىقىنى، بىراق ئىراننىڭ بۇ خىلدىكى سىناقلار ئارقىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇساپىسىنى ۋە دەل تېگىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فوكس نىيۇس (Fox News) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار: «ئىراننىڭ راكېتا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلىمىز، ئەمما ھازىرچە بۇ توغرىدا كۆپ تەھلىللەر يوق» دېدى.

ئىران بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر