ب د ت، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ قۇربانلىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

دۇنيا مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى قۇربانلىرىنىڭ تۆتتىن ئۈچىگە يېقىنىنى ئاياللارنىڭ، %30 ىنى بولسا بالىلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1242702
ب د ت، ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنىڭ قۇربانلىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنايى ئىشلارغا مەسئۇل ئىشخانىسى، ئىشخانا مەسئۇلى يۇرىي فېدوتوۋنىڭ سۆزلىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ھەممىلا دۆلەتتە بارلىقىنى، بىراق قانۇننىڭ كۈچى ئاجىز بولغان رايونلاردا بۇ جىنايەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىنسانىي كىرىزىسلار ۋە توقۇنۇشلار، ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە مۇداپىئەسىز، قوغدىغۇچىسىز ئىنسانلارنى ئاسانلا قىلتاققا چۈشۈرىدىغان مۇھىت يارىتىپ بەرمەكتە. ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەلقئارالىق دوكلاتقا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئادەم ئەتكەسچىلىكى قۇربانلىرىنىڭ تۆتتىن ئۈچىگە يېقىنىنى ئاياللار، %30 ىنى بولسا بالىلار تەشكىل قىلماقتا» دېدى.

يۇرىي فېدوتوۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «2003 – 2016 – يىللىرى ئارىسىدا 225 مىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى قۇربانى ئېنىقلاندى، يەنە ياردىمىمىزغا موھتاج نۇرغۇن يوشۇرۇن قۇربان بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر