تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1242475
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موقدىشۇدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىمۇ بار.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسى سالىھ ھەسەن بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئابدۇرراھمان ئۆمەر ئوسماننىڭ پايتەختتىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.

سومالىدا 2004 – يىلى قۇرۇلغان ئەلقائىدە ئىدىيەسىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە موقدىشۇدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىزمەت ئورنىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان بېنادىر ۋالىيسى ۋە موقدىشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئابدۇرراھمان ئۆمەر ئوسماننىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا ئادەملەرنىڭ ھاياتلىرىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئابدۇرراھمان ئۆمەر ئوسمانغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. بۇ خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش سومالى خەلقى بىلەن ھۆكۈمىتىگە تەزىيە تىلەكلىرىمىزنى يەتكۈزىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر