ئىسرائىلىيە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىۋېتىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1241225
ئىسرائىلىيە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە،  ەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ ۋادى ئەلھۇمۇس مەھەللىسىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىۋېتىش قارارىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىشى «قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە» كۆزىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەن: «پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا، ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا بىنالارنىڭ چېقىلىشى خەلقئارا ئىنسانىيلىق قانۇنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپتۇر. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشى پەلەستىن خەلقىگە كېرەكسىز ھالەتتە دەرد - ئەلەم تارتقۇزماقتا ۋە تىنچلىق مۇساپىسىغا زىيان يەتكۈزمەكتە.»

بۇ ئارىلىقتا،  رۇسىيەمۇ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆيلەرنى چېقىشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر