ياپونىيە، ھەم جەنۇبىي كورېيەگە، ھەم رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ياپونىيە دېڭىزىغا جايلاشقان تالاش - تارتىشلىق لىئانكورت ئاراللىرى ئەتراپىدا ھاۋا ساھەسىگە رۇخسەتسىز كىرىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھەربىي يىرىكچىلىك تۈپەيلى ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە نازازىلىق نوتاسى تاپشۇر

1240991
ياپونىيە، ھەم جەنۇبىي كورېيەگە، ھەم رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «Kyodo» نىڭ خەۋىرىدە، ياپونىيە مىنىستىرلار كابېنتى كاتىبى يوشىھىدە سۇگانىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇپ، ياپونىيە ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

يوشىھىدە سۇگا رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جەنۇبىي كورېيەنىڭمۇ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن رايوننى ھاۋا مۇداپىئە ساھەسى ئېلان قىلىۋېلىپ، رايونغا رۇخسەتسىز كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا ئوق ئاچقانلىقىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يوشىھىدە سۇگا ھەر ئىككى دۆلەتكە دىپلوماتىك يوللار بىلەن نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق ھادىسىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئەتىگەندە ھاۋا مۇداپىئە رايونى ئېلان قىلىنغان ھاۋا ساھەسىگە رۇخسەتسىز كىرگەن رۇسىيەنىڭ 3 ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئوق ئاچقان ئىدى. 

جەنۇبىي كورېيەنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ۋە جەنۇبىي كورېيە «دوكدو» دەپ ئاتىسا، ياپونىيە «تاكېشىما» دەپ ئاتايدىغان تاقىم ئاراللىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشلىرىغا تېما بولۇپ كەلمەكتە.

ياپونىيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئاراللار ئۈستىدە 11 يىلدىن بۇيان ئىگىلىك بارلىقىنى داۋا قىلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر