ھىندىستاندا 32 كىشى چاقماق سوقۇپ جېنىدىن ئايرىلدى

ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش (Pradesh) ئىشتاتىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى.

1239984
ھىندىستاندا 32 كىشى چاقماق سوقۇپ جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش (Pradesh) ئىشتاتىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 13 كىشى يارىلاندى.

 «Press Trust of India» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پرادېش ئىشتاتىنىڭ كانپۇر (Kanpur) بىلەن فاتېھپۇر (Fatehpur) دا يەتتە كىشى، جھانسى (Jhansi) دا بەش، جالاۋۇن (Jalaun) دا تۆت كىشى، خامىرپۇر (Hamirpur) دا ئۈچ، غازىپۇر (Ghazipur) دا ئىككى؛ جاۋۇنپۇر (Jaunpur)، پراتاپگارخ (Pratapgarh)، كانپۇر دېخات (Kanpur Dehat) ۋە چىتراكۇت (Chitrakoot) بىردىن بولۇپ، جەمئىي 32 كىشى چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان.

ئىشتات باشلىقى يوگى ئادىتياناس (Yogi Adityanath) بۇنىڭدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىرىگە 400 مىڭ رۇپى (تەخمىنەن 33 مىڭ لىرا) ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر