ئامېرىكىدا مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنى قوللاش دولقىنى كۆتۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئىرقىي ئايرىمچى خاراكتېرلىك سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنى ئامېرىكا خەلقى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ قوللىشى بارغانچە ئاشماقتا.

1238862
ئامېرىكىدا مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنى قوللاش دولقىنى كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نۇرغۇنلىغان سىياسەتچىلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۋىتتېر ھېسابلىرىدىن ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، «مەن ئىلخان ئۆمەرنىڭ يېنىدا» دېگەن خەتكۈچلۈك سۆزلىرى بىلەن ئىلخان ئۆمەرنى قوللىدى.

ۋېرمۇنت پالاتا ئەزاسى ۋە دېموكراتچىلارنىڭ 2020يىللىق پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى بۆرنىي ساندېرس تۋىتتېردىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىلخان ئۆمەر بىلەن پالاتادا بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۆرنىي ساندېرس: «ترامپ خەلق ئاممىسى ئىچىدىكى ئەڭ پەسكەش ۋە بىئارام قىلغۇچى ئېقىملارنى بېقىپ سەمرىتمەكتە، دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پىرېزىدېنتنى يېڭىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

دېموكراتچىلارنىڭ 2020يىللىق يەنە بىر پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى شۇنداقلا پالاتا ئەزاسى كامالا ھاررىس بولسا، ترامپنىڭ سۆزلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «قورقۇنچاقلارچە چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ۋە ئىرقىي ئايرىمچىلىق» دەپ باھا بەردى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇلار پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنى مەينەت قىلماقتا. ترامپنى ئىشخانىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

 دېموكراتچىلارنىڭ 2020يىللىق يەنە بىر پىرېزىدېنت نامزات نامزاتى ئېلىزابېت ۋاررېن بىلەن بىرگە بەزى سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر، يەھۇدىي ئورگانلىرى ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىچىلىرىمۇ ئوخشاش باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ئىلخان ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

دونالد ترامپ ئۆزىنى تەنقىد قىلغان مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر، راشىدە تىلائىب، ئالېكساندىرا ئوكاسىيو كورتېز ۋە ئاياننا پىرېسلېيگە ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا تۋىتتېردىن نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى شىمالىي كارولىنادىكى سايلام خىزمەتلىرى جەريانىدا مەزكۇر ئايال پاتالا ئەزالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھالدا، «دۆلەتلىرىڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار!» دېگەن ئىدى.

دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ «ئۆمەرنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقار!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان يىغىشلىشتا، ترامپنىڭ مەيداندىكى ئاممىنى جىم قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى ئامېرىكادا قاتتىق نارازىلىق ياراتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر