زەرىف ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېھرانغا ئاچقان «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» قا خاتىمە بەرگەن تەقدىردە، ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشلىرىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1237626
زەرىف ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مەركىزىي بىناسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئامېرىكانى ئىرانغا «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» ئېچىش بىلەن ئەيىبلىدى.

زەرىف، ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا ئىقتىسادىي ئۇرۇش ئاچماقتا، بۇ (ئۇرۇش) پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا، پۇقرالارغا ۋەھىمە سالماقتا. بۇ تېررورلۇق قلىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكا بۇنىڭغا خاتىمە بەرسە، باشقا ئىشلارنىڭ داۋامى كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزى ۋە نيۇ يوركتىكى ئىرانلىق دىپلومات بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا يۈرگۈزگەن ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ «ئىنسانىي ئەمەسلىكى» نى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، نيۇ يوركتا ساياھەت چەكلىمىسى قويغان زەرىفنىڭ پەقەت ب د ت، ئىران دائىمىي ۋاكالەتخانىسى، دائىمىي ۋاكالەتخانا تۇرالغۇسى ۋە ئايرودۇرۇمغا بېرىشىغا يول قويغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسىمۇ ئىران دائىمىي ۋاكالەتخانىسىغا مەكتۇپ يوللاپ، مەزكۇر چەكلىمىلەرنىڭ ئىرانلىق دىپلوماتلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغىمۇ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن 2018 – يىلى مايدا بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنگەندىن كېيىن تېھرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قايتىدىن باشلىغانىدى.

ئىران كېلىشىمگە تەرەپ بولغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە گېرمانىيەدىن كېلىشىمنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق تەلەپ ئورۇندالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن تېھران دائىرىلىرى، كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن ئۇران زاپاسلاش مىقدارىنى 1 – ئىيۇلدا، قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇزان مىقدارىنى بولسا 8 – ئىيۇندا چەكتىن ئاشۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر