ئىران: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى ئىسھاق جىھانگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ئىرانغا ئەمەس، تېھرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1237304
ئىران: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىھانگىرى پايتەخت تېھراندا يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق توختالغاندا، يادرو كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ئەھدىسىگە ۋاپات قىلىشى لازىملىقىلىقىنى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا ئەمەس، ئەكسىچە تېھرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ  مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى توغرۇلۇق بەرگەن ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلىشى قولاي، بىرقانچە سائەت ئىچىدە بۇ ھەقتە قارار چىقىرالىشىمىز مۇمكىن، ئەڭ مۇھىمى، كېلىشىم تۈزگەن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەھدىلىرىگە ۋاپات قىلىشى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر