ئىران خاتا سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىلدى

ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننى خاتا سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

1235649
ئىران خاتا سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننى يادرو كېلىشىمىگە تولۇق رىئايە قىلىشقا ۋە بەزى خاتا سىياسەتلەردىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى قوللايمىز، ئىران كېلىشىمگە رىئايە قىلغان تەقدىردە ئىراننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە  ئىراننى يادرو كېلىشىمىنى باھانە قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان خاتا سىياسەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.»

باياناتتا كېلىشىمنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېسىمى ۋە ئىراننىڭ كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ھۆكۈمسىز ھالەتكە كېلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراننىڭ بەلگىلەنگەن چەكتىن ئاشۇرۇپ ئۇران قويۇقلاندۇرۇشىنىڭ زور ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىران قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»

باياناتتا ئالاقىدار تەرەپلەر  مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى پەسەيتىدىغان باياناتلارنى بېرىشكە چاقىرىلدى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە پايدىلىق بىر قاتار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئالاقىدار تەرەپلەرمۇ ياخشى نىيىىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر