ئامېرىكا گىرېتسىيەگە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گىرېتسىيەگە 600 مىليون دوللارلىق « MH-60R » تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

1235217
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گىرېتسىيەگە 600 مىليون دوللار قىممىتىدە 7 دانە < MH-60R > تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربي ئەسلىھەلەرنى سېتىپ بېرىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭدىن، گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىشتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ھەسسە قوشۇشى نىشان قىلىنىدۇ. بۇ، رايوننىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. گىرېتسىيەگە سېتىپ بېرىلىدىغان  تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربي ئەسلىھەلەر Lockheed Martin  شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكى شەرت ئىكەن. 30 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ گىرېتسىيەگە تەكلىپ مەكتۇبىنى سۇنۇشى بىلەن تەڭ سېتىش مۇزاكىرىلىرى باشلانغان بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر