ب د ت سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە دوختۇرخانا ھەم سەھىيە خادىملىرىمۇ نىشان قىلىنىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1234468
ب د ت سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا خەرىتىلىرى ئىلگىرى بارلىق تەرەپلەرگە بىلدۈرۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىلاردىن بىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلاملىق مەركىزىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بومباردىمان قىلىنىشى قاتتىق ئەيىبلەندى.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېس بارلىق تەرەپلەردىن  پۇقرالار ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوغدىشىنى، خەلقئارالىق ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان، دوختۇرخانا ۋە سەھىيە خادىملىرى نىشان قىلىنىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق تەرەپلەرنى ئىدلىب كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ تۈنۈگۈن «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» نىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 27 پۇقرا يارىلانغانىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيە بىر قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن پۇقراۋى قوغدىنىش مەركىزىنى بومباردىمان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر