ترامپ: يېقىندا ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار يېقىندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى.

1233791
ترامپ: يېقىندا ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تىۋىتتېر ئادرېسىدا يەنە بىر قېتىم ئىراننى ئەيىبلىدى؛ ئىراننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يوشۇرۇن ھالدا ئۇران قويۇقلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، بۇ ئەھۋالنىڭ، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرري ۋە سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ تېھران دائىرىلىرى بىلەن تۈزگەن 150 مىليارد دوللارلىق «قورقۇنچلۇق» كېلىشىمگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «(ئىرانغا قارىتىلىدىغان) ئېمبارگولار يېقىندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن 2018 – يىلى مايدا بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ چىقىپ، تېھرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قايتىدىن باشلىغانىدى.

ئىرانمۇ 2019 – يىلى 8 – مايدا كېلىشىمگە تەرەپ دۆلەتلەرنى ئىراننىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان، ئەكسىچە بولغاندا كېلىشىمدىكى بارلىق ئەھدىلىرىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان؛ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىشىمدە كۆرسىتىلگەن قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سۈركىلىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تېھران دائىرىلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسى مىقدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى ۋاشىنگتوننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر