مادۇرو ب د ت نىڭ دۆلىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نېكولاس مادۇرو، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مايكېل باچېلېتنىڭ دۆلىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنىڭ يالغانلارغا توشۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1232902
مادۇرو ب د ت نىڭ دۆلىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېكولاس مادۇرو پايتەخت كاراكاستا ھىندىستانلىق تىنچلىق ئەلچىسى ۋە رۇھانىي لىدىر سرى سىرى راۋى شانكار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا باچېلېتنىڭ دوكلاتىنى ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلەپ، «ئىرقىي قىرغىنچلىق دوكلاتى يالغانلار، سۇيىئىستېماللار، خاتا ئۇچۇرلار بىلەن تولۇپ كەتكەن» دېدى.

ئۇ ئۆكتىچىلەر بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا «ئىمپېرىيالىست كۈچلەرنىڭ مۇداخىلىسى» دەپ باھا بەردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۆھبەتلەردە ياخشى نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىنغىنىدا، بۇ خىل مۇداخىلىلەرنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر