ئامېرىكا مۇستەقىللىقىنىڭ 243 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 4 – ئىيۇل مۇستەقىللىق بايرىمىنىڭ 243 يىللىقىنى دۆلەت مىقياسىدا تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۈندۈزدىكى قىسمى ئەنئەنىۋى پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. كەچتىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلەردە بولسا، تانكىلار، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.
ئالدىنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە تانكىلار ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمۇ نومۇر كۆرسەتكەن ئالاھىدە تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، دونالد ترامپ ئارىدىن 70 يىل ئۆتكەندىن كېيىن لىنكولىن خاتىرە قۇرۇلۇشى ئالدىدا خەلقكە خىتاب قىلغان تۇنجى پىرېزىدېنت سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئايروپىلانلارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى ئۈچۈن ۋاشىنگتون ھاۋا تەۋەلىكى تۇنجى قېتىم تاقىۋېتىلدى.
70 توننا ئېغىرلىقتىكى ئابرامس تانكىلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىشى 1940 – يىللاردا توختىتىۋېتىلگەن شېرمان تانكىلىرى لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئارقىسىدىكى يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئەينەك تامنىڭ ئارقىسىدا قىلغان نۇتقىدا ئامېرىكا تارىخىدىن مىساللارنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ دۇنيا تارىخىدىكى چوڭ ۋە مۇھىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ترامپ، بولۇپمۇ ئامېرىكا مىللەتچىلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ترامپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پىداركارلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىر قانچە قېتىم تەكىتلىدى. ترامپنىڭ نۇتقى ئەسناسىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بەزى ئايروپىلانلىرى ۋاشىنگتون ئاسمىنىدا ماھارىتىنى نامايان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.