ترامپ ئىرانغا يەنە تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ قويۇلدۇرۇغان ئۇران مەسىلىسىدە تاشلىغان ئاخىرقى قەدىمىگە يەنە بىر قېتىم نارازىلىق بىلدۈردى ھەم ئىرانغا تەھدىت سالدى.

1230229
ترامپ ئىرانغا يەنە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىران يېڭى بىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئەگەر يېڭى بىر يادرو كېلىشىمى تۈزۈلمىگەن تەقدىردە، قويۇلدۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى خالىغانلىرىچە ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ئەي ئىران! سېلىۋاتقان تەھدىتلەر مەسىلىسىدە ھۇشيار بولغىن؛ چۈنكى ئىلگىرى ھېچكىم تەمىنى تېتىپ باقمىغان بۇ تەھدىتلەر ئاخىرى ئۆزۈڭگە قايتىپ، يەنە ئۆزۈڭگە زىيان يەتكۈزىدۇ.»

ئىران ھۆكۈمىتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران مىقدارىنى يادرو كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن 300 كىلوگىرامدىن ئاشۇرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىراننىڭ «‹ Fars › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېھران ھۆكۈمىتى % 3.67 قويۇلدۇرۇلغان ئۇران سەۋىيەسىنى يادرو كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە 300 كىلوگىرامدىن ئاشۇرغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ خەۋەرگە ئاساسەن ئىرانغا «ئۇلار ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. ئاقساراي بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئايرىم – ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر