گىرۇزىيەدە بىر قېتىملىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى توسۇپ قېلىنغان

گىرۇزىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ 20-21-ئىيۇن كۈنلىرى يۈز بەرگەن پارلامېنت بىناسىنى قورشىۋېلىش نامايىشى جەريانىدا، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1230581
گىرۇزىيەدە بىر قېتىملىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ھەرىكىتى توسۇپ قېلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى رۇسىيەلىك بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پايتەخت تىبلىستا ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك ئورتودوكس پارلامېنتلار ئارا ئومۇمىي مەجلىسى يىغىنىدا رەئىس سەھنىسىدە سۆز قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن باشلانغان نامايىشلار جەريانىدا، بەزى نامايىشچىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇنىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تەپتىش خادىمى كوكا كاتسىتادزې گىرۇزىيە باش تەپتىش مەھكىىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 20- ۋە 21-ئىيۇن كۈنلىرى يۈز بەرگەن نامايىشچىلارنىڭ پارلامېنت بىناسىنى قورشاۋغا ئېلىشى جەريانىدا بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى سەۋەبىدىن، باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە گىرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 20-ئىيۇن كېچىدە بەزى نامايىشچىلارنىڭ پارلامېنتقا بېسىپ كىرىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «باش تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرگەن دەلىللەر ۋە ئونلارچە گۇۋاھچىنىڭ ئىپادىلىرىگە ئاساسەن، 20-ئىيۇننى 21-ئىيۇنغا باغلىغان كېچە بەزى كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى زوراۋانلىق يولى بىلەن ئۆرۈشنى ۋە ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈشنى پىلان قىلغانلىقى ئۈستىگە مەركەزلىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ مەزكۇر كىشىلەرنىڭ دەسلەپتە پارلامېنت بىناسىنى زورلۇق بىلەن قولغا كىرگۈزۈشنى، ئارقىدىن دۆلەت مىقياسىدا ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ گىرۇزىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ «مىللىي بىرلەشمە ھەرىكىتى» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نىكانور مېلىياغا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا زوراۋانلىق قىلىنغانلىقى ۋە بەزى ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكى ئۈستىدىمۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر