تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى
تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىگە جايلاشقان چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1229834
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋىلايىتىدىكى 5 – چېگرا مۇداپىئەسى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى باھائۇددىن گۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ۋىلايىتىگە جايلاشقان چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 5 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 ساقچى يارىلانغان. تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.